خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، 29-نۆۋەتلىك «خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى»دە قاراقاش ناھىيەلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىغا ئەزا 42 ئورۇن قاراقاش چوڭ بازىرىدا تەشۋىقات سۇپىسى قۇرۇپ، بازارغا كەلگەن ئاممىغا زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش تەربىيەسى بېرىپ، 5000 دىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى. ئامما زەھەرگە ئائىت تەشۋىقات سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى.
سۈرەتتە: تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى خادىملار ئاممىغا زەھەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تەربىيە بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى