- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىگېرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بوكو ھەرەم قوراللىقلىرىنىڭ 10 ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىدى
2016.06.28 17:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نىگېرىيە ئارمىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: نىگېرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 25-ئىيۇن شەرقىي شىمالدىكى بورنو ئوبلاستىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە بوكو ھەرەم قوراللىقلىرىنىڭ 10 ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىدى.
نىگېرىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى ئوسمان شۇ كۈنى باياناتتا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە يەنە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 5 مىڭ كەنت ئاھالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.
ئوسمان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 25-ئىيۇن بورنو ئوبلاستىدىكى باشقا ئىككى ھەربىي ھەرىكەتتە بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ 2 خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر