باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن خۇنەن ئۆلكىسى يىجاڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى

2016.06.28 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى مىكروبلوگىدا تارقىتىلغان رەسمىي خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن خۇنەن ئۆلكىسى چېنجودىن يىفېڭغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۈگۈن قۇرۇلغان، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن خۇاشەن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان. ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاستىدا تېخنىكا گۇرۇپپىسى، باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تېزدىن تولۇق تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

  26-ئىيۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن ئۆلكىسى چېنجو شەھىرى يىجاڭ ناھىيەسى يىفېڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى چاڭچۈن ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ جەنۇبى قىسىمىغا 34 كىلو مېتىر كېلىدىغان جايدا، ماشىنا نومۇرى شياڭ D94396 بولغان ساياھەت ئاپتوموبىلى ئوڭ تەرەپتىكى رېشاتكىنى سوقۇۋېتىپ ئوت كەتكەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئاپتوبۇستا 55 ئادەم بار بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 35 ئادەم قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر