باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

2016.06.28 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا، «ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىر بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، كرېدىت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىناكارلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تىزلىتىشكە پايدىلىق.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەتتە جەھەتتىن، ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت سىياسەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، تۈرلۈك كاپالەت پۇللىرى ئومۇميۈزلۈك رەتلىنىدۇ. بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىنشائات قۇرۇلۇشىدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كاپالەت پۇلىغا قارىتا، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن خېرىدارلىق كاپالەت پۇلى، ئىجرا كاپالەت پۇلى، قۇرۇلۇش سۈپىتى كاپالەت پۇلى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىدىن باشقا كاپالەت پۇللىرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئۇقتۇرۇش تارقاتقان كۈندىن باشلاپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كاپالەت پۇلى ئېلىش بىردەك توختىتىلىدۇ. ئىككىنچى، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىدۇ. ساقلاپ قېلىنغان خېرىدارلىق كاپالەت پۇلى، ئىجرا كاپالەت پۇلى، قۇرۇلۇش سۈپىتى كاپالەت پۇلى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرۇشتا، بانكا كېپىللىك خېتى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بىناكارلىق كارخانىلىرى بانكا كېپىل بولۇش ئۇسۇلى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. ئۈچىنچى، كاپالەت پۇلى ۋاقتىدا قايتۇرۇلىدۇ. جايلار 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كاپالەت پۇلىنى ئالاقىدار كارخانىلارغا قايتۇرۇپ بېرىشى؛ ساقلاپ قالغان كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بەلگىلىمە ياكى كېلىشىم بويىچە كاپالەت پۇلى قايتۇرمىغانلارغا قارىتا، كاپالەت پۇلى ئالغان تەرەپ بىناكارلىق كارخانىلىرىغا مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ. تۆتىنچى، قۇرۇلۇش سۈپىتى كاپالەت پۇلى قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ. بەشىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى پەرقلىق تاپشۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ. ئالتىنچى، كاپالەت پۇلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يەتتىنچى، يېڭى كاپالەت پۇلى تۈرى بېكىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر