باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەرگە جەم بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

12- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ قەشقەر- ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى» داغدۇغىلىق باشلاندى

2016.06.27 18:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) 12-نۆۋەتلىك «جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا- جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى» 25-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرىنىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.

  قەشقەر _ يىپەك يولىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئىزچىل شەرق، غەرب مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلىدىغان جاي، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەر توپلىنىدىغان خەلقئارا سودا شەھىرى بولۇپ كەلگەن. قەشقەر سودا يەرمەنكىسى 2005- يىلى تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ئۇدا 11 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكە (شەھەر)لەر، ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. تەسىر دائىرىسى ۋە كۆلىمى يىلدىن- يىلغا كېڭىيىپ، شىنجاڭدا جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان كاتتا ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا رايونى بويىچە كۆلىمى ۋە تەسىرى چوڭ ئىقتىساد - سودا يىغىلىشى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى قەشقەر سودا يەرمەنكىسى يىللاردىكىدىن مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يەرمەنكىگە قاتناشقىلى كەلگەن سودىگەرلەرنى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن، ئورتاق مەنپەئەتلەردە تەڭ نەپ يەتكۈزۈش ئېلىپ كەلگەن كەڭ بوشلۇقتىن بەھرىمەن قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۇن مۇنداق دېدى: جەلپكارلىق بىلەن دۇنيانىڭ نەزەرىنى ئۆزىگە تارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى. بۇ نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسى «قەشقەرگە جەم بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكىدە 2- نۆۋەتلىك «جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قەشقەر مۇنبىرى»نى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى، ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدۇق. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەنپەئەت بېرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، ھەمكارلىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئېچىپ، يىپەك يولىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىمىز. بۈگۈنكى قەشقەر «بەش ئېغىز ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا، ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۆۋرۈك بېشى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپانى كېسىپ ئۆتىدىغان خەلقئارا چوڭ يولغا ئايلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن ۋە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە بىر ئوبراز سارىيى ۋە تۆت كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، زال ئىچى ۋە سىرتىدا 900 نەچچە يايما ئورنى تەسىس قىلىندى. ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا، يېنىك سانائەت، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللار تونۇشتۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولۇپ، 29-ئىيۇن ئاياغلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 ـ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە 214 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ ، توختامدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 24 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قەشقەر مۇنبىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنبەر ۋە كېڭىشىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىقتىساد سودا كېلىشىملىرى تۈزۈلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك <<قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ، قەشقەرگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن قاتارلىق تۆت ئۆلكە، شەھەر يۇقىرى ئۆلچەم، كەڭ كۆلەمدە پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى. نۇرغۇن كارخانىچىلار ھەر قايسى ئۆمەكلەرگە ئەگىشىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر