باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق

2016.06.28 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويغان جەنۇبىي دېڭىز كېسىمى دېلوسىغا قارىتا بىرازىلىيەنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن تەتۈرلۈك قىلىپ ئۆز ئالدىغا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى سوتنىڭ كېسىم قىلىشىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ماجىرانى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ئېغىرلىتىۋەتتى، ئامېرىكا رايون سىرتىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.
  بىرازىلىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كابرال مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى سەۋەبلىك تېخىمۇ دەخلى-تەرۇز خاراكتېرىنى ئالدى، جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كېلىپ، ئاسىيانى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كابرال مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان شەرت ئاستىدا بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان قانۇنىي ئەھدىنامىسى» بولۇپمۇ « جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»غا ئەمەل قىلىش كېرەك.
  بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق مەخسۇس بەت يازغۇچىسى، جۇڭگو-بىرازىلىيە مەسىلىسى مەسلىھەتچىسى تاۋارېس مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسىدا ئاسترىتتىن تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشى مۇۋاپىق ئەمەس. جۇڭگو ئاتلانتىك ئوكياندىكى ھېچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىدى، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ؟
  بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كارونى سىپرىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى سوتنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا مۇراجىئەت قىلىش ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ئىش، مۇشۇنداق مەسىلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر