باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە-گېرمانىيە رەھبەرلىرى تېلېفونلىشىپ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

2016.06.28 16:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 26- ئىيۇن كەچتە تېلېفونلىشىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندىن كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەزى كونكرېت ئىشلاردا بالدۇرراق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان زۆرۈر دەپ ھېسابلىدى.
  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرتىپىنى باشلىغانلىقى ھەققىدە يېقىندىن كېڭەشكەن.
  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: شۇ يەر ۋاقتى 27-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ھوللاندى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەلىس سارىيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك بىلەن سۆھبەتلەشكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھوللاندى گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى 28-ۋە 29-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر