باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.28 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنى 27-ئىيۇن ئېچىلدى. ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا بىر قانچە قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە جانىجان مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مۈلۈك باھالاش قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنىغا داۋاملىق قاراپ چېقىلغاندىن باشقا، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەمدە 2015-يىللىق مەركەز خام چوتى دوكلاتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلىدۇ، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ لايىھەسى شۈبھىسىزكى ئاۋام دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا. جۇڭگو ھەق تەلەپ قانۇن ئىلىمى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەق تەلەپ قانۇنلىرى توپلىمى ھوقۇق قەسىمى دەپ قارىلىدۇ، دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن، ھەق تەلەپ قانۇنلىرى توپلىمىنى تۈزۈشنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بار.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى تۈزۈش ھەق تەلەپ قانۇنلىرى توپلىمىنى تۈزۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەر بىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر