خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر شەنبە كۈنىدىكى دېھقانلار بازىرىدا ئۆرۈك ئوتۇنى قالاپ قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر كەڭ ئاممىنىڭ ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ يېيىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا. بۇ بازاردا مەززىلىك پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ھەر بازار كۈنى بېلىق كاۋىپى سودىسى 2500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولىدىكەن.
سۈرەتتە: 25 –ئىيۇن، ئونسۇ دېھقان بازىرىدىكى كاۋاپچى تۇرسۇن قۇربان ئالدىراش بېلىق كاۋىپى پىشۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى