خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى) ساھەلەر بويىچە يوپۇغا ناھىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان شەندۇڭ ئۆلكىسى سېلىپ بەرگەن يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئامبۇلاتورىيە ۋە كېسەلخانا بىر گەۋدىلەشكەن مەركىزىي داۋالاش رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ناھىيە رەھبەرلىرىگە ئاچقۇچ تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشچە، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى خەلق دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ سېلىش پىلانلانغان. بۇ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 104 مىليون يۈەن بولۇپ، تۇنجى قاراردا پۈتكۈزۈلگەن 4533 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئامبۇلاتورىيە ۋە كېسەلخانا بىر گەۋدىلەشكەن مەركىزىي داۋالاش رايونى قۇرۇلۇشىغا 2015-يىلى 3-ئايدا ئىش باشلانغان. ئىككىنچى قاراردا سېلىنىدىغان بىر قەۋەتلىك ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش رايونى قۇرۇلۇشىغا نۆۋەتتە ئىش باشلانغان بولۇپ، 2017-يىلى ئاخىرىدا پۈتكۈزۈش پىلانلانغان.
سۈرەتتە: ناھىيە رەھبەرلىرىگە ئاچقۇچ تاپشۇرۇپ بېرىلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى