باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جام بازىرىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى قىزغىن تەبرىكلەندى(1)

2016.06.28 16:15   مەنبە: خەلق تورى

جام بازىرىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى قىزغىن تەبرىكلەندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى جام بازىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىپ پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى خور ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. جام بازىرى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن 25 كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دەۋرنى كۈيلەپ، ۋەتەننى مەدھىيەلەپ، بۈگۈنكى بۇ بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ساداسىنى كۆككە ياڭراتتى. مۇسابىقىدە يەنە نەق مەيداندىكى ئاممىدىن «كوممۇنىستىك پارتىيە قاچان قۇرۇلغان؟ پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتىيى قاچان، قەيەردە چاقىرىلغان؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار سورىلىپ، توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسى بىلىملىرى ھەققىدىكى تونۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

  سۈرەتتە: خور ئېيتىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر