باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىت-ئېنىرگىيە

سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا

2016.06.28 16:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئوبلاست قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى بويىچە، سايرام كۆلىنى ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان يادرولۇق رايون قىلىپ بېكىتىپ، بۇ كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، تەبىئىيلىكىنى ساقلاش يولىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئىگىلىشىمچە، بورتالا ئوبلاستى ئالدى بىلەن سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە كۈچىگەن. 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەنئەنىۋى نادام بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ئېغىر بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرىدە بەيگە مەيدانى ياساپ، ھەر يىلى يايلاقتا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بايرامنى شەھەر ئىچىگە«كۆچۈرگەن». 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن يايلاقتىن پايدىلىنىش بىلەن يايلاق قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، ئاۋۋال سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئالتە كەنتتە ئوت - چۆپ مىقدارى بىلەن چارۋا مالنىڭ نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 200 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، چارۋىچىلارغا يايلاق تولۇقلىمىسى بېرىپ چارۋىسىنى ئازايتىشقا، كۆل ئەتراپىدىكى 522 چارۋىچى ئائىلىسىنى 127 مىڭ 600 تۇياق چوڭ - كىچىك چارۋىنى باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئوت - چۆپ مىقدارى بىلەن چارۋا مالنىڭ نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان، ھازىرغىچە ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدا مال بېقىش چەكلەنگەن رايون 214 مىڭ 500 موغا كېڭەيتىلىپ، كۆل ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى پۈتۈنلەي «دەم ئېلىشقا چىقارغان».

  كۆل ئەتراپىدىكى ئوتلاق بۇلغىنىش سەۋەبىدىن چېكىنىپ، قۇملىشىپ كەتكەچكە، كۈچلۈكرەك شامال چىقسا كۆل يۈزى ۋە كۆل ئەتراپىنى قۇم بېسىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. سايرام كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى 300 مىڭ مودىن ئارتۇق ئېكولوگىيەسى ئاجىز ئوتلاقنى قاشالاپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئوتلاقلارنى سۇغىرىپ، 200 مىڭ مو يەردىكى ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، كۆلنىڭ شەرقىدىكى 3000 مودىن كۆپرەك چېكىنگەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ھايۋانات - ئۆسۈملۈك سىستېمىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ يەردە 64 خىل كەم ئۇچرايدىغان ۋە تەتقىق قىلىش قىممىتى بار ئۆسۈملۈك، 124 خىل ھايۋانات، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 26 خىل قۇش بار. بورتالا ئوبلاستى ئاق قۇ، تۇرنا، ياۋا غاز، جەرەن قاتارلىق كۆل ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇچار قۇش، ھايۋانلارنى قوغداش ئۈچۈن، كۆل مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى خەتەرنىڭ، تۈرلۈك شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارغا تىنچ، خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگەن. 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، كۆل سۈيى ۋە كۆلگە كىرىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى، تەركىبى، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ كۆلدە ياشاش زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلاشقا كاپالەتلىك قىلغان. بۇلاردىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سايرام كۆلىگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بازىسى قۇرغان. 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆل بويىنى چۆرىدەپ 80 كىلومېتىر تاشيول ياساپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆل مەنزىرە رايونىنى بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمەس، ئېلېكتىر كۈچى بىلەن ماڭىدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىل، ئات ھارۋىسى، ۋېلىسىپىت بىلەن ساياھەت قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ خىزمەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر