باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ يىلىغا 10 مىڭ توننا يۇڭ يۇيۇش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىش تۈرۈلدى

2016.06.28 16:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ يىلىغا 10 مىڭ توننا يۇڭ يۇيۇش تۈرى 27 - ئىيۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي شىمال رايوندىكى ئەڭ چوڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق خام ئەشياسى ئۆتىڭىلىك ئورنى ۋە تەمىنلەش بازىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  10 مىڭ توننىلىق يۇڭ يۇيۇش تۈرىنى شىنجاڭ «جىنتيەنلىڭ» يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇردى، تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 8000 توننا ساپ يۇڭ يۇيۇش، 1000 توننا ساپ يۇڭ ئىشلەپچىقىرىش، 900 توننا تىۋىت يۇيۇش، 4000 توننا ئىنچىكە قوي يۇڭى ئايرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىنچىكە قوي يۇڭى چىقىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، ئىنچىكە قوي يۇڭىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ قوي يۇڭى پىششىقلاش سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياجى قوي يۇڭىنى سىرتقا يۆتكەپ پىششىقلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 10 مىڭ توننىلىق يۇڭ يۇيۇش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يۇڭ يۇيۇش جەريانىدا تولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش تېخنىكىسى قوللىنىلىنىپ، قوي يۇڭىنى پىششىقلاش، تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىشنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  2015 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 91 مىڭ 600 توننا قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ شۈنگاڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ 10 مىڭ توننىلىق يۇڭ يۇيۇش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى −− يۇڭ توقۇمىچىلىق كەسپى ۋە ئالاقىدار كىيىم - كېچەك، توقۇمىچىلىق، شۇنداقلا باشقا كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر