باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تۈرتكە بولدى

2016.06.28 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئوقۇشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 35 نامرات ناھىيەدىكى قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلىدىن 2 مىليارد 110 مىليون يۈەن ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇلىدىن 4 مىليارد 287 مىليون يۈەن بەرگەن.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 2016 - يىل 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى «نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلى بېرىش كەسپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلىنى مەخسۇس تەسىس قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كىرېدىتىنى كۆپەيتىشىگە ئىشلىتىپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نامرات ئائىلىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، شىنجاڭ خەلق بانكىسى سىستېمىسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى جايىدا يۆلەشتىكى «نىيە ئەندىزىسى»نى يولغا قويدى. يەنى: «نامرات ئائىلە (ئاھالە بىلە ئالاقە ئورناتقان كادىر)+ نامرات كەنت (كەنت بىلەن ئالاقە ئورناتقان رەھبەر)+كەنت ئاھالە كومىتېتى (<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت گۇرۇپپىسى)» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەندىزىنى يولغا قويۇپ، ساھە ئايرىمىسىغا ئاساسەن، «ھۆددە قەرز پۇلى» ئۇسۇلى ئارقىلىق، قەرز پۇلنى بىر تۇتاش ئىلتىماس قىلىپ، ئاھالە، كەنت بىلەن ئالاقە باغلىغان كادىرلار، «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرى بانكىنىڭ قەرز پۇلى بېرىشىنى باشقۇرۇش، دىرى ۋە ئۆسۈمنى سۈيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھۆكۈمەتنىڭ «شەكىللىك قول»ىغا تايىنىپ، نامرات ئاھالىنىڭ كەسپىنىڭ تارقاق، ئۇچۇرلىرىنىڭ ماس بولماسلىق قاتارلىق بازارنىڭ «شەكىلسىز قول»ى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، «رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇشنى كەچۈرۈم قىلىدىغان» نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى بېرىشنى نىيە ناھىيەسىدە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان ئەندىزە بىلەن تەمىنلىدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر