باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىندى

2016.06.28 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 27 - ئىيۇن ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى ۋە تەكلىپ - پىكىر بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ياڭ شېڭپىڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكى دېگەن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا نۇقتىلىق سۆز قىلدى. ما شۆۋۇ، ئەلىجان كېرىم، سابىت قازىزى، جۇ دىيەنشېڭ، گې يوڭپىڭ، پاتەم بارات، ۋاڭ يۈچۈەن، لى چى، چاڭ يەن، جاڭ ئاجۈن، ۋاڭ شۇلىن، چېن جىفېڭ قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدوڭ كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە جاۋاب بەردى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلدى، تەرەققىي قىلدى ھەم مۇئەييەن كۆلەم ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى. چېگرا ساياھەتچىلىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكىدە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبال پارلاق بولسىمۇ، يەنە بەزى چەكلىمە ئامىللىرى ساقلانماقتا. يىغىندا ئەزالار چېگرا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش، چېگرا ساياھەتچىلىكى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقىل كۆرسىتىپ تەكلىپ بەردى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ئەزالارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش −− شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا خەلقئارا چوڭ سەھنىگە، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا، ئەتراپتىكى چوڭ بازارلارغا نەزەر سېلىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكىنى يېڭى نورمال ھالەتتە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئالدىنئالا پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئوي - پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات كەسپىي ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى مۇھىم بولغان ساياھەتچىلەر ئۆتىڭى مەركىزى، ساياھەتچىلىك ئالاھىدە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكى، نىشان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش» جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دۆلەت قاتلىمىدا، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى ئورۇندا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىش سۇپىسىنى كېڭەيتىش؛ ئاپتونوم رايون قاتلىمىدا، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، تەڭ بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئىلغار تەجرىبە ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ۋىلايەت، ئوبلاستلار قاتلىمىدا، ئېغىز - پورتلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چېگرا رايونلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى قىلىش كېرەك. رايونلار ساياھەتچىلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ياخشى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ۋە دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىشنىڭ بىر تۇتاش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجې، رىزۋان ئەبەي، ليۇ جىيوڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر، قېدىرقان مىراسقانلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر