- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى: 6-ئىيۇل بىر كۈن دەم ئېلىنىدۇ
2016.06.29 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشىدا، 6-ئىيۇل بىر كۈن دەم ئېلىنىدۇ
ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا:
2016-يىلى 6-ئىيۇل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى- روزا ھېيتى بولۇپ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 11- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 28-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان 174- نومۇرلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇقىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2016 - يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:
6-ئىيۇل ( چارشەنبە ) ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر كۈن ئارام ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر