باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2016.06.30 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 29-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ساختىپەزلىك قىلغان، باشقىلارنىڭ نامىنى ساتقان ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىردەك ئېلېكتروندا تىزىملىماسلىقنى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتۈر تەكشۈرۈپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشىگە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلاردىكى مەكتەپلەردىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بەلگىلىمىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى «26 نى قىلماسلىق» مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچى تالىشىشنى چەكلەش كېرەك. پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ئۇچۇر ئاشكارا بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنىڭ «ئوندا ئاشكارا بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر