باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ

2016.06.29 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرقانچە ئۆلكە رايوندىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىرى باھا تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خەينەن ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى.

  يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى %20.2 ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 4-ئايدا جياڭشى ئۆلكىسىمۇ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 2007-يىلى گوۋۇيۈەن «باھا ئۆستۈرۈشنى چەكلەش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، بەش يىل ئىچىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى ئۆلچىمىنىڭ 2006-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئالاقىدار ئۆلچەملەردىن يۇقىرى بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما 2013-يىلى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى، گۇاڭشى، فۇجيەن، شەندۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈردى، بۇ قېتىمقى ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆپىنچىسى ئالدىنقى قېتىم ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرمىگەن جايلار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى 16 يىل تەڭشەلمىدى. كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تەننەرخ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان ئەھۋالدا، كۆپ يىللاردىن بېرى ئوقۇش ھەققىنى تەڭشىمىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەمما كىرىم-چىقىم تېخىمۇ ئوچۇق، ئاشكارا بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ جاۋخۇي مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەر نەچچە پۇل خەجلىگەنلىكىنى ئاددىيلا ئېلان قىلىپلا قالماستىن، مالىيە خامچوت، نەقچوت تەرتىپىنىمۇ ئاشكارىلىشى، بۇنىڭدا يەنە كەسپىي خادىملار مالىيە تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشكە قاتنىشىشى، بولۇپمۇ پۇلنى خەجلەش كېرەكمۇ-يوق، نەگە خەجلەش كېرەك دېگەنلەرنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر ئالىي مەكتەپلەر كىرىم-چىقىمىنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئوقۇش ھەققىنى تەڭشىگەن ئۆلكە رايونلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسى، ئىشلەپ تۇرۇش ئوقۇش تولۇقلىما ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر تېزراق مۇناسىپ تەڭشەپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر