سۈرەتتە: 2016- يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار مەشىق قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئىيۇن، مۇخبىر شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى قۇملۇق ۋالىبولى مەيدانىغا بارغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇملۇق ۋالىبولى ماھىرلىرى جىددىي ماسلىشىش مەشقى قىلىۋاتاتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 30-ئىيۇندىن 3-ئىيۇلغىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 31 ئەرلەر كوماندىسى، 29 ئاياللار كوماندىسىدىكى 189 تەنھەرىكەتچى، تېرىنېر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، شۇنداقلا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى