خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25 - ئىيۇن كەچتە، كۈچلۈك قار-شىۋىغانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، مۇزداۋاندا ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلدى. تاغ چوققىلىرىغا چۈشكەن كەچكى شەپەق نۇرى، تۇمان ئارىسىدىكى تاغلار، توققۇز ئەگىم يولنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە گوياكى تەيشەن چوققىسىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق ئادەتتە مۇز داۋان دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەر يەنە تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان ( شىمالىي شىنجاڭدىن كورلا، خېجىڭ، ئىلى قاتارلىق جايلارغا قاراپ ماڭىدۇ ) 216- دۆلەت تاشيولى مايتاغ - - كۇچا تاشيولىدىكى «ئۆتكەل» ھىسابلىنىدۇ. جىلغا ئېغىزى « يولۋاس ئېغىزى » دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4280 مېتىر كېلىدۇ، 216- دۆلەت تاشيولىدا تاغ باغرىدىن تاغ چوققىسىغىچە توققۇز ئەگرى يول بار بولۇپ، ھەر بىر ئەگرى يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدۇ، ئادەتتە «توققۇز ئەگىم» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپتوموبىل توققۇزىنچى ئەگرى يولدىن ئۆتكەندە، مۇزداۋانغا يېتىپ بارىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى