باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى «كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ پىروگرامما ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

2016.06.29 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 28-ئىيۇن «كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ پىروگرامما ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. دۆلەت ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەلگىلىمە»نى چىقىرىشتا كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ پىروگراممىسى (APP) ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە بولغان قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەسىپنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ پىروگراممىسىنى تەمىنلىگۈچى ئۇچۇر بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق كۈچەيتىشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش مېخانىزمىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاچىلاش ياكى ئىشلىتىش جەريانىدىكى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوغدىشى لازىم.

  «بەلگىلىمە»دە، كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ پىروگراممىسىنى تەمىنلىگۈچى ۋە ئېنتىرنېت تورى ئەپ دۇكى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەپ دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلىش قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردا چەكلەنگەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئەپ پىروگراممىلىرىدىن پايدىلىنىپ قانۇن-بەلگىلىمىلەردە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بەلگىلىمە»دە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەپ پىروگراممىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر