باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن رەسىملەر ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2016.06.29 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسسام ئىلياس باۋدۇن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان 50 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئىجاد قىلىپ، مول مىننەتدارلىق ھېسياتىنى رەڭ، بۇياقلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق روشەن ئىپادىلەپ، يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.

  بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقان دېھقان رەسسام ئىلياس باۋدۇن ئازادلىقتىن كېيىنىكى قاينام-تاشقىنلىق سوتسىيالىتىك ئىنقىلاپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش دەۋرىنى؛ بالايى ئاپەتلىك مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىنى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مويسىپىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەنلىرى ۋە بىلگەنلىرىنى رەسىم ۋاسىتىسى ئارقىلىق بايان قىلىپ، ياشلارغا مىننەتدارلىق تەربىيەسى بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى.

  ئىككى يىل جاپالىق مېھنەت قىلىش ئارقىلىق سىزىپ چىققان 50 نەچچە پارچە رەسىمى ئاخىرى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يېقىندا، ئىلياس باۋدۇن ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى ئۈستۈنكى قاغمۇش كەنتىدە «ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىينچىلىق يىللىرىدىكى تۇرمۇشىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى» تېمىسىدا سەييارە رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئېچىپ، يۇرتداشلىرىغا ئازادلىقتىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى؛ ئىسلاھات، ئېچىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ، گۈللەپ-ياشناۋاتقان سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ، كەنت ئاھالىسىنى بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

  سەييارە رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى ئۈستۈنكى قاغمۇش كەنت ئاھالىسى ئۆمەر سەمەت مۇنداق دېدى: بىز 1958-يىلى ئوپچە قازاننىڭ تامىقىنى يەيتتۇق، قورسىقىمىز ئاساسەن تويمايتتى. شۇنچە جاپالىق ئىشلىسەكمۇ قۇرسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن بولماي كەلگەن ئىدى. مانا ھازىر قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن، تۇرمۇشىمىز پاراۋان بولۇپ، ھېچنېمىدىن غېمىمىز يوق. ئىلياس باۋدۇننىڭ رەسىملىرىدە بىزنىڭ جاپا-مۇشاقەتلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىز روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، ياشلارغا چوڭقۇر تەربىيە بېرىلىپتۇ. ياشلارنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت مۇسا مۇنداق دېدى: بۈگۈن كەنتىمىزدە يۇرتىشىمىز ئىلياس باۋدۇننىڭ دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان رەسىملەرنى كۆرۈپ مۇدھىش كونا جەمئىيەت بىلەن ھازىرقى بەختىيار جەمئىيەتنى سېلىشتۈرۈپ، غايەت زور ئۆزگىشىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ موقىم، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ باياشات بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.

  پېشقەدەم دېھقان رەسسام ئىلياس باۋدۇن ئىجاد قىلغان 50 نەچچە پارچە رەسىمدە، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە دېھقانلار تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۆرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەر، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇشقۇن روھى قىياپىتى بايان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر