- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىڭبودا خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى تاموژنىدىن بىۋاسىتە ئۆتەلەيدۇ
2016.06.29 16:37 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: 28-ئىيۇن، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى چىقىش مەشغۇلات رايونىدىن چىققان يوللانمىلارنى ئايرىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، نىڭبو خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى شۇ جايدا بىۋاسىتە تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرون سودا كارخانىلىرى ئۈچۈن تاموژنىدىن ئۆتۈش، پېرېۋوت بۇغۇش، باج قايتۇرۇش، پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش قاتارلىقلار مۇلازىمىتى بىر يەردىلا تاماملىنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، دۆلەت يېڭىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆلچىمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، نىڭبو تۇنجى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى بار شەھەر بولۇپ قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر