باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كورىيە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ كيۇئەن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.06.29 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ۋە 2016-يىللىق يازلىق داۋوس يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن كورىيە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ كيۇئەن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيە يېقىن قوشنا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. جۇڭگو كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورىيە بىلەن سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كورىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن كورىيەنىڭ «ياۋروپا-ئاسىيا تەشەببۇسنامىسى»نى، «ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» بىلەن كورىيەنىڭ «يېڭىلىق يارىتىشچان ئىقتىساد»نى، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن كورىيەنىڭ «ياسىمىچىلىق ئىنقىلابى 3.0»نى، 3-تەرەپ بازىرىدا خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق، ھازىر ئالاقىدار نەتىجىلەر پائال ئەمەلىيلەشمەكتە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېڭدۇ جۇڭگو-كورىيە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك رايونى قۇرۇشنى تىزلىتىش؛ ئاپتوموبىل، ماشىنا ئادەم، تەكشى تاختىلىق كۆرسىتىش، يېڭى ماتېرىيال، ئۇچۇر ئالاقىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىلغار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش؛ پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا تەرەققىياتىنى قوللاش؛ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «2016-يىللىق كورىيە ساياھەت يىلى»نى پۇرسەت قىلىپ، جۇڭگو-كورىيە خەلقىنىڭ بېرىش-كېلىشى ئۈچۈن «ئون مىليون +» يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر