باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» قاراپ چىقىلدى

2016.06.29 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 28-ئىيۇن يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ھوقۇق مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، سادىق، پاك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلارغا قويغان سىياسىي تەلىپى. پارتىيەمىزنىڭ 95 يىللىق كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدا. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇرچىنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالسىلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغىتىپ، زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر