باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلىۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدۇ

2016.06.29 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 29-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ھازىر، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزىۋاتقان، بۇ يىل يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشنى باشلاشنى پىلانلىغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا، بىر تۈركۈم قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «<985 قۇرۇلۇشى> تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئالىي مائارىپ <211 قۇرۇلۇشى>نىڭ 3-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش پىلانىنى تولۇقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «<نۇقتىلىق ئۆزگىچە پەن تۈرى>نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «<مۇنەۋۋەر پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى> قۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر بار.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇشقا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ زۆرۈر تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى 2015-يىلى 8-ئايدا «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، گوۋۇيۈەن 11-ئايدا تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مائارىپنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىغا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، «985 قۇرۇلۇشى»، «211 قۇرۇلۇشى»، «مۇنەۋۋەر پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى»، «نۇقتىلىق ئۆزگىچە پەن تۈرى» قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىردەك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى يادرو، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى نىشان، پەننى ئاساس، ئۈنۈمنى پىشاڭ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر