باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ تىزىملىتىدۇ

2016.06.29 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، تۈەن-مەيدان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە 698 ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ. 28-ئىيۇن سائەت 10 دىن 13-ئىيۇل سائەت 18 غىچە بىڭتۈەن مائارىپ ئۇچۇر تورى (http://www.xjbtedu.cn) غا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  27-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرى ۋە باشقا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بۇ يىل پۈتكۈزىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنىدىكەن؛ ئاز مىقداردا شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى پېداگوگىكا تۈرىدىكى مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە، مەلۇم مائارىپ ئوقۇتۇش ئەمەلىي تەجرىبىسى بار، 30 ياشتىن تۆۋەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك تولۇق كۇرۇسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر