خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا 28-ئىيۇن كەچ ئۆلۈۋېلىش خارەكتېرلىك ئارقىمۇ ئارقا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 31 كىشى قازا قىلدى، 147 كىشى يارىلاندى.
ئىستانبۇل ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شاشىن: ئايرودرومدا باھالاش ئارقىلىق، ئۆلۈۋېلىش شەكلىدىكى ئۈچ ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئايرودرومدىكى ئوخشىمىغان جايدا پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىپ، 28 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 60 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىقلاندى، دېدى. تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بوزدا ئارقىدىن، ئۆلگۈچىلەر ۋە يارىدارلار سانىنىڭ ئاز دېگەندە 31 ۋە 147 گە كۆپەيگەنلىكىنى جاكارلىدى.
پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئايرودرومنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى تاقىدى ھەم بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ۋاقىتلىق تاقىدى.
تۈركىيە زوڭلىسى ئىلدىرىم كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەم كېچىلەپ ئىستانبۇلغا يېتىپ باردى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشتى، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەر ئۈزلۈكسىز ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ، زور تالاپەت بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى