باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو رۇسىيە باياناتى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە كېسىم چىقىرىشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق

2016.06.29 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى« جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى باياناتى»نى ئىمزالاپتۇ ۋە ئېلان قىلىپتۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇن مەسىلىسىدە بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئاز كۆرىلىدۇ، بۇنىڭ فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ دەپ سوئال سورىغاندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي مۇنداق دېدى: خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تەكىتلەش خەلقئارا ئېقىنغا ئايلاندى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا قانۇننى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: ماجىرانى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە باياناتتا تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھەمكارلىشىش روھى بولۇشى كېرەك، بۇ ماجىرانى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە مېخانىزمىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ خەلقئارا قانۇننىڭ باش مىزانىغا زىيان سالسا بولمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى ھەققىدە باياناتتا تەكىتلەپ :ئەھدىنامىدە تۇرغۇزۇلغان قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.

  خوڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ مەيدانىمىز ئېنىق، دۇرۇس، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوينىغان جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسىدىكى ئويۇنىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى كۆرۈۋېلىشقا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر