باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جېجياڭ بىلەن شىنجاڭ 27-ئىيۇن باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى باشلىدى

2016.06.29 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ بىلەن شىنجاڭ تۈنۈگۈن باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى رەسمىي باشلىدى، جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى داۋالاش سۇغۇرتىسىدا باشقا جايدا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىشنى باشلاش نەق مەيدان يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق بىرىنچى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى، جېجياڭ ئۆلكىسى داۋالاش سۇغۇرتىسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى بى جېڭفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرغان بولسا، جېجياڭدىكى نۇقتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئېلىپ بېرىپ راسچوت قىلسا بولىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئات چوت قىلىشتا بېرىپ كېلىپ ئاۋارە بولماسلىقى ئۈچۈن بۇ كارتا بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئىنتېرنېتتا راسچوت قىلسا، شۇ جاينىڭ ئات چوتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئاساسلىقى ئۇلارغا بەك قولاي بولىدۇ.

  بى جېڭفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى جېجياڭدىكى نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن، نۇرغۇنلىرى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆز يۇرتى جېجياڭغا قايتقان، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش سىياسىتى ئاساسلىقى مۇشۇ كىشىلەرگە قارىتىلغان، كېيىنكى قەدەمدە جېجياڭ ئۆلكىسى يەنە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىشىنى راسچوت قىلىشنى سىناق قىلىدۇ ۋە بۇ يولدا ئىزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىن باشقا ئۆلكىلەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر