- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىغا ئۆزگەرتتى
2016.06.30 17:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن تۈنۈگۈن پيوڭياڭدا 13-نۆۋەتلىك ئالى خەلق كېڭىشىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كىم جۇڭئون يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن "چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كومىتېت باشلىقى" نامىنى ""چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى" غا ئۆزگەرتىش، "دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتى"نى " دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى"غا ئۆزگەرتىش قاتارلىق قارالمىلار ماقۇللانغان.
كىم جۇڭئۇن شۇ كۈنى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
يىغىندا يەنە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ 5 يىللىق ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش پەرمانى ماقۇللانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر