باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ جېيى دارفور مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.06.30 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى تۈنۈگۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇداندىكى ئالاقىدار قوراللىق تەشكىلاتلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ تېزدىن يول خەرىتىسى ئىمزالاپ، دارفور مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دارفوردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  ليۇ جېيى قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك سۆزلىشىشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، دارفورنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دارفور رايونىدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر