باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەپگە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە تىزىملىتىشتا چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم بولۇشى كېرەك

ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى يىغىش، ئالاقە خاتىرىسىنى ئوقۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئېچىشقا بولمايدۇ

2016.06.30 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە بولغان قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنى دۆلەت ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە «بەلگىلىمە» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ تەمىنلىگۈچىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاچىلاش ياكى ئىشلىتىش جەريانىدىكى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېنىق كۆرسىتىش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئالاقە خاتىرىسىنى ئوقۇش، كامېرانى ئىشلىتىش، ئۈنگە ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئېچىشقا بولمايدۇ، مۇلازىمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىقتىدارلارنى ئېچىشقا، مۇناسىۋەتسىز پىروگراممىلارنى باغلاپ قاچىلاشقا بولمايدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆچمە ئېنتېرنېت پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغاندا، قانۇن-بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىش لازىم. ئېنتېرنېت تورى ئەپ دۇكى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يەنە مۇلازىمەت يولغا قويۇلغان 30 كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

  بۇنىڭدىن باشقا، «ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم، ئالدى سۇپىدا ئىختىيارىچە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، كۆچمە ئېنتىرنېت ئەپ دېتالى تەمىنلىگۈچىلەر تىزىملاتقان ئابونىچىلارغا قارىتا كۆچمە تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ھەقىقىي سالاھىيىتى ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر