باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.30 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27 - ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «>باشتا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، كېيىن ئىجازەتنامە بېجىرىش> ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: «باشتا تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، كېيىن ئىجازەتنامە بېجىرىش» ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش −− سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «كىرىش شەرتلىرىنى قويۇۋېتىپ» ئاندىن «قاتتىق باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقىنىڭ، مەركەزنىڭ سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى روھى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ «<باشتا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، كېيىن ئىجازەتنامە بېجىرىش> ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىلاشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاپتونوم رايوننىڭ «<باشتا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، كېيىن ئىجازەتنامە بېجىرىش> ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، بۇ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، تارماقلارنىڭ ئىجازەت بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئوچۇق - ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر