باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 33 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مۇھىم سىياسىي ئاساس سېلىش كېرەك

2016.06.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 28 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش توغرىسىدا 33 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ 95 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش −− پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلى يېتىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ئۇ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيەمىزنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى ياخشى تۇتقاندىلا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مۇھىم ئاساس سالغىلى بولىدۇ. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈش، پارتىيەمىزنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى گاۋ شۈەنمىن مۇشۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم تەكلىپ - پىكىر بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر