باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاشنى قارار قىلدى

2016.06.30 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 29-ئىيون، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ ئەپۇ سوراپ يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ئەردوغاننىڭ ئەپۇ سوراپ يازغان خېتى رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەمدە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت يارىتىپ بەردى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: تۈركىيەگە قارىتىلىغان ساياھەت ساھەسىدىكى مەمۇرى چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ۋە باشقا ساھەلىردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بېرىشى توغرىسىدا بۇيرۇق بەردىم. بۇندىن باشقا تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن بىلەن ئەردوئان 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىشى مۇمكىنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر