باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۈچرىشىش سىزىقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.06.30 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى 29-ئىيۇن بېلروسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدىكى قەرەللىك سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۈچرىشىش سىزىقىدىن چېكىنىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سايىدىك سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىخەتەرلىك مەسىلىسى گۇرۇپپىسىنىڭ شۇ كۈندىكى مۇھاكىمىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئىككى تەرەپ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۇچرىشىش سىزىقى زولوتوي ۋە پىتروۋېسكىدىن خادىم ۋە جابدۇقلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  2014-يىلى 4-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇ يىلى 9-ئايدا، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە 3 تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئارا قوراللىق كۈچلىرى بىلەن مىنىسكىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، توقۇنۇش تولۇق ئاخىرلاشمىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر