باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.30 15:56   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بايراقلار لەپىلدەپ، ناخشا ئاۋازى جاراڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» 29-ئىيۇن كەچ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن 3000 نەچچە كىشى مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، شانلىق بايرامنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

  بۈگۈن كەچ، خەلق سارىيىنىڭ چىراقلىرى جۇلالىنىپ، بايراملىق كەيپىياتقا تولدى. 2-قەۋەتتىكى بالكونغا «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشايلى!» دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلىپ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» دېگەن خەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، مۇستەھكەم سېپىل قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورغاق بىلەن بولقىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە گېربى ئېسىلغان بولۇپ، «1921-2016» دېگەن سانلاردىن نۇر چاقنايتتى.

  سائەت 19:55لەردە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە كېچىلىك نەق مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  95 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، 95 يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدۇق. «بايراققا مەدھىيە» دېگەن مېلودىيەگە «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن مۇزىكا كېچىلىك باشلاندى. كېچىلىك «تارىخنىڭ تاللىشى»، «قانلىق شەرەپ»، «ياشلىق قەسىمى»، «قايناق ھېسسىياتقا تولغان يىللار»، «خەلقنىڭ ئارزۇسى»، «مەڭگۈلۈك ئېتىقاد» قاتارلىق ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى تەسىرلىك ناخشا ئاۋازى، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر
    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى