باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2016.06.30 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئىشتابى كانادانىڭ مونتىريالدا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 29-ئىيون سۆھبەت بايان قىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يۇز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ھازىرغىچە 280 كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى.

  خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىگۇناھ ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ بىر ئاجىزلارچە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى. خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە ساھەسى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، پۈتكۈل يەر شارى خەلق ئاۋىياتسىيە تورى بىلەن نەچچە يۈز مىليارد ساياھەتچىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تېررورلۇقنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىدۇ.

  خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇنداق دېدى: خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى ئايرودۇرۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەمەلى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر