باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەر ياردەم ئۆسۈملۈك ئالاھىدە قەرز پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2016.06.30 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون 28-ئىيۇن ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ رەنىسىز، كېپىلسىز ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى سىياسىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ سىياسەت بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار، قەرز ئېلىشنى خالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتى بار ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەر 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، ئۈچ يىللىق مۇددەتتىكى رەنىسىز، كېپىلسىز ياردەم ئۆسۈمۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل ئۆسۈمىنى مالىيەدىن تولۇق سومما بويىچە تولۇقلاپ بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلىغا مۇناسىۋەتلىك 4 - قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى قارارى>نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»، «نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرزدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى ئارقىلىق نامراتلىقنى يۆلەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرز پۇلى ئېلىشى تەس، قەرز پۇل ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان 720 مىڭ نامرات ئاھالە، 2 مىليون 610 مىڭ نامرات نوپۇس بار بولۇپ، ئاممىنىڭ قەرز پۇلى ئېلىشى تەس، قەرز پۇلى ئۆسۈمى يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئامانەت - قەرز مەبلىغى نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز مەبلىغى ۋە خېيىم - خەتەر تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى)نى تۈزۈپ چىققان.

  قەرز پۇل ئېلىشنى خالايدىغان، ئەمگەك - ماھارەت ئىقتىدارى بار، ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى كەڭ ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەر ئۆزى تەۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە يېزا (بازار)، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتلاملار بويىچە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇلى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پۇل سوممىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، قەرز پۇل بېرىش بېكىتلگەن پۇل مۇئامىلە ئورگىنى ئارقىلىق يەتتە خىزمەت كۈنىدە قەرز پۇلىنى بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر