باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

باشقا جايدا كىملىك بېجىرسە بولىدۇ

2016.06.30 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە شارائىتى بار ناھىيە، شەھەرلەر 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئاھالىلەر كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇش، تولۇقلاش ئۇچۇرىنى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر كىملىكى يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش سىستېمىسىغا ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، تاپشۇرۇۋالغان يوقىتىپ قويغان، ئوغۇرلانغان ئاھالىلەر كىملىكىنى ياخشى ساقلاپ باشقۇرىدۇ ۋە ئۇچۇرنى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر كىملىكى يىتتۈرگەنلەرنى چاقىرتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ.

  «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ توردا چىقىم قىلىش كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىغا ئاساسەن، 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن، ھەر قايسى چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىدىكى ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش نىسبىتى ٪95 كە يېتىشى كېرەك. ۋاقتىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاتمىغانلارنىڭ توردا چىقىم قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

  دۆلەت يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تىزىملاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» 7-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى، ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى كونترول قىلىشنى ئېنىق ماتېرىيال بىلەن كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىندى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇپ نازارەت قىلسا بولىدۇ.

  يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى چارىدە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش تەلىپى يەنىمۇ چىڭىتىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  مەركەز مەمۇرىي ئورۇنلىرى بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان ئىش بېجىرىش ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي جاھازلىرى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ تېخىمۇ قاتتىق بولغان سەپلەش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىلغار ئۈسكۈنە، ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازلىرىنى سەپلەش مەنئى قىلىنىدۇ.

  دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، يېڭىدىن كۆرسىتىلىدىغان چېگرا سىرتىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى كىرگۈزگەن پروگراممىلارنى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە ئەنگە ئالدۇرمىسا ياكى ئەينەن ئەنگە ئالدۇرمىسا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان پروگراممىنى كۆرسىتىش توختىتىلىدۇ، شۇ قانالنىڭ كېلەر يىلدا چېگرا سىرتىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى كىرگۈزگەن پروگراممىلارنى كۆرسىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر