باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى

2016.07.01 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق شىنجاڭ تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس قاتلىمىدا 2690 ئوقۇغۇچى، ئالىي تېخنىكۇم (مەخسۇس كۇرس) قاتلىمىدا 2431 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، 2015-يىلدىكىدىن 1441 ئوقۇغۇچى كۆپەيتىلگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست (خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى)دىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن: خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مىللىي تەركىب بىلەن نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولمىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن؛ خەنزۇچە ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار، قوش تىللىق سىنىپ، مىللىيچە ئىمتىھان بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىچىدە بىر تەرەپ ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبىك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، روس قاتارلىق 11 مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوشۇلىدىغان نومۇر 10دىن 50 نومۇرغا كۆپەيتىلىدىكەن.

  2015-يىلىدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. بۇ، ئاساسلىقى نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە يېڭىدىن تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2015-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 37 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇپ، مائارىپ سۈپىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇزۇن مۇددەت مائارىپ «ئازگىلى»دا تۇرۇپ كەلگەن، 2015-يىلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر