باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېيجىڭ خەيديەن رايونىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە پىچاق بىلەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش دېلوسىنىڭ گۇماندارىغا A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

2016.06.30 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تۆت قارا ئۇۋىغا زەربە بېرىپ، تۆت زىيانداشنى يوقىتىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 27-ئىيۇن، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى شۆچىڭ يولى جىڭشۇيۈەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم زەخىملەندۈرۈش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن، بىر ئادەم يارىلانغان. تەكشۈرۈلىشىچە، جىن جۇڭچىنىڭ دېلو سادىر قىلىشقا بولغان گۇمان چوڭ بولۇپ، ھازىر تېخى تۇتۇلمىغان. جىن جۇڭچى بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ، بويى 1.73 مېتىر ئەتراپىدا، بەدەن تۈزۈلۈشى ئوتتۇرا بوي، قېچىپ كەتكەن چاغدا ئاق كاتەكچە كۆينەك، كۆك رەڭلىك پادىچى ئىشتىنى، پۇتىغا قارا رەڭلىك تەنھەرىكەت ئايىغى كىيگەن. يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن پاش قىلغۇچى، تۇتۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇن ياكى شەخسلەر 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر