باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئەنخۇيدا بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە 200 كىشىنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ئۆمۈرلۈك چەكلەندى

2015.08.21 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ماشېنا ھەيدىگۈچىلەرنى قاتناش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا ئەسكەرتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋە ۋەقە چىققاندىن كېيىن قېچىپ كېتىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاڭلىق چەكلەش ئۈچۈن، 20-ئاۋغۇست ئەنخۇي ئۆلكىلىك قاتناش ساقچى باش ئەترىتى جەمئىيەتكە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ماشىنا ھەيدىشى ئۆمۈرلۈك چەكلەنگەن 200 نەپەر كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. «200 كىشى ئىچىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە مۇناسىۋەتلىك دىلو 9 قېتىم، قالغان 191 دىلونىڭ ھەممىسى ۋەقە چىققاندىن كېيىن قېچىپ كېتىش دىلوسى.» ئەنخۇي ئۆلكىلىك قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ جىڭبەي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ تۈركۈم ماشىنا ھەيدىشى ئۆمۈرلۈك چەكلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئارىلىقتا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن ياكى ۋەقە چىققاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن، ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى ماتورلۇق قاتناش ماشىنىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسى بىكار قىلىنغان، ھەمدە ئۆمۈربويى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنى قايتا ئېلىشقا بولمايدىغان كىشىلەر. بۇ 200 كىشى ئىچىدە ھەيدەش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاندا 20 يىل، قىسقا بولغاندا بىر يىلغىمۇ يەتمەيدۇ، يېشى ئەڭ چوڭى 60 ياش، يېشى ئەڭ كىچىكى 21 ياشتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر