باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى تارقاتتى
2015.08.24 13:46     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› دەپ ئېلىندى)نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2009 – يىلى 7 – ئايدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تارقاتقان بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆزىتىش ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بۇرۇنقى نىزام ئەمەلىي ئېھتىياجغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇنلىشىپ كېتەلمىگەچكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› جەمئىي يەتتە باب، 42 ماددىغا بۆلۈنىدۇ. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئاساسىي نىزام بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى نىزام بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە تەشكىلاتى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھەقىقىي ياخشى ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزىتىش ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› بويىچە ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئەزالىرى كۆزىتىش، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە فۇنكسىيەلىك تارماقلار ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۇچۇر، خادىم، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاكتىپ قوللىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنۇش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لار شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved