باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەڭ ئېلان قىلىش- ئابې شىنزونىڭ يېڭى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدىكى مۇھىم سۆز بولدى

2016.01.05 12:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 4-يانۋار يېڭى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ: 2016-يىلى دۆلەت قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق جەھەتلەرگە يېڭىدىن جەڭ ئېلان قىلىمىز دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يازدىكى كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدا خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇنغا چوڭقۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئادالەتچىلەر پارتىيەسىدىن تەركىب تاپقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇنغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. دىپلوماتىيە جەھەتتە ئابې شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇۋاپىق پەيتتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن، باشلىقلار سۆھبىتى ئارقىلىق شىمالدىكى زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمەن، بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە، جۇڭگو، كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئارقىلىق ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر