باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىناۋەتلىك ۋاكالەت نومۇرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى

2016.01.06 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-يانۋار چۈشتىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇلازىمەت زالى تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاكالەت نومۇرى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى تارقاتتى.بۇ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن 18 خانىلىق سالاھىيەت نومۇرى بار تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ خىل كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكا بىر ۋاكالەت نومۇرى بولۇش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىجتىمائىي ئىناۋەت ۋاكالەتلىك نومۇرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئادەتتە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ شىفىرلىق كىملىكىگە باراۋەر بولىدۇ. ھازىر ۋاكالەت نومۇرى 18 خانىلىق ساندىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تىزىملاشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى، ئاپپاراتنىڭ تۈر نومۇرى، تىزىملاشنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي رايون ئايرىش نومۇرى، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ ۋاكالەت نومۇرى، تەكشۈرۈش نومۇرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى، جەمئىيەتتىكى ئامما ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەرق ئېتەلەيدۇ. ئۇچۇرلارنى باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار، ساھەلەرنىڭ تارقاق بولغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىنى ئالاقىدار تەرەپ نامىغا قايتۇرۇپ، مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىناۋەتلىك ئارخىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، سەمىمىيلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش، لەۋزىدە تۇرماسلىقىنى جازالاشقا شارائىت يارىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر