باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر»نى تارقاتتى

يېزىلاردا 1-،2-، 3- كەسپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.01.05 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « يېزىلاردا 1-،2-، 3- كەسپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى (تۆۋەندە «پىكىر»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزىلاردا 1-،2-،3- كەسپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپ سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، جۇڭگونىڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: 2020- يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك كەسپلىرىنىڭ يۇغۇرماق تەرەققىياتى ئومۇمىي سەۋىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش بولىدۇ، كەسپ زەنجىرى مۇكەممەللەشكەن، كۆپ ئىقتىدارلىق، كۆپ خىللاشقان، كەسپ شەكلى موللاشقان، مەنپەئەت زىچ باغلانغان، سانائەت بىلەن شەھەر، بازارلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تېخىمۇ ماسلاشقان يېڭى ئەندىزە ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىپ، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى گەۋدىلىك ئاشۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر