باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ بېيجىڭدا ئاياللار بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ۋە بالىلار مائارىپى ئاپپاراتىنى تەكشۈردى

2016.01.06 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرىدە ئاياللار بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ۋە بالىلار مائارىپى ئاپپاراتىنى تەكشۈردى، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋەزىيەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك تۇغۇش سۈپەتلىك بېقىش، يەسلى مائارىپى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي سىياسەت بىلەن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك باغلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى مائارىپنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ بەختى ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نوپۇسنىڭ ئېشىش ئۆزگىرىشىنى ئىلىمى ھېسابلاپ، يەسلى قاتارلىق مائارىپ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ياخشى ئىشلەپ، مەبلەغ سېلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەسلىلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى مۇھىم ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى بالىلار باغىچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەش ۋە مەدەت بېرىش. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، يەسلىلەرنىڭ بېقىش تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر