باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ يۈننەندە «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن» مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2016.01.06 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا يۈننەندە «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنىڭ» نامراتلىق دەرىجىسى زور، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قېيىن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنىڭ» ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن توغرا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكىدىنمۇ ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قوللاش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش كېرەك.

  «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەر» ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرى ياكى قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت قامال ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئارقىدا قالغان، ياشاش شارائىتى ناچار. 2-يانۋاردىن 4-يانۋارغىچە، ۋاڭ ياڭ مېڭخەي ناھىيەسىگە كېلىپ لاگۇ مىللىتى، بۇلاڭ مىللىتى قاتارلىق «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەر» دىن بولغان نامرات نوپۇسلارنى يوقلاپ ھال سورىدى، ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ تەكشۈردى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، نامرات بولۇش قېلىشنىڭ سەۋەبى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئائىلىمۇ ئائىلە تەھلىل قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1- يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن مىللەتلەرنى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنىڭ ئۆز مۇددىتىدە ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر